ئەردوغان: «بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا، 39 - نۆۋەتلىك خەلقئارا 23 -ئاپرىل بالىلار بايرىمى مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۆسمۈرلەرنى قارشى ئالدى.

717280
ئەردوغان: «بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چوڭلار سەۋەب بولغان ئۇرۇشلارنىڭ بەدىلىنى كىچىك بالىلارغا تۆلەتمەسلىك لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە  ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان 39 - نۆۋەتلىك خەلقئارا 23 -ئاپرىل بالىلار بايرىمى مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۆسمۈرلەرنى قارشى ئالدى.

ئەردوغان بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ئەپسۇسلىنارلىق بىر شەكىلدە ئون مىڭلىغان بالىلارنىڭ 23 – ئاپرىل بايرىمىنى ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاتاقلىق شائىر نازىم ھېكمەتنىڭ «قىزبالا» ناملىق شېئىرىدىن بەزى كۈبلىتلەرنى ئوقۇپ بەردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بالىلار ئۆلتۈرىلمىسۇن، چوڭلار سەۋەب بولغان ئۇرۇشلارنىڭ بەدىلى كىچىك بالىلارغا تۆلىتىلمىسۇن. چوڭلارنىڭ پەرۋاسىزلىقىنىڭ بەدىلىنى كېچىك بالىلارنىڭ يۇمران بەدەنلىرى تۆلىمىسۇن. بىز بالىلارنى ياشىتىشىنى خالايمىز. بالىلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن چوڭلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيا بەرپا قىلىشقا ھەسسە قوشۇشىنى خالايمىز. ئەڭ مۇھىمى بالىلار ياشاپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلالايدىغان بولسۇن. يېمەك ئىچمەكتىن كىيىم – كېچەككىچە، مائارىپتىن سەھىيە خىزمەتلىرىگىچە بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنالىشىنى خالايمىز.» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئىدارە – ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە بالىلارغا ياردەم، مائارىپ، سەھىيە خىزمەتلىرى سۇنۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ئۆزىمىزنىڭمۇ بالىلىرىمىز بار تۇرۇغلۇق بىز باشقا ئۆلچەملەرنى ئىزدەپ يۈرمەيمىز. دۇنيادىكى بارلىق ياردەمپەرۋەر دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈركىيە ئامېرىكىدىن قالسىلا بۇ جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا  تۇرۇپ كەلمەكتە. يەنە كېلىپ كېشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت كىرىمى نىسبىتى بويىچە ھېسابلانغاندا تۈركىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى بىز دەرت – ئەلەمنى بىلىمىز. بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغۇچلارنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىشنى داۋملاشتۇرىۋاتىمىز ۋە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.       

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر