ئەردوغان «بىر يول، بىر بەلباغ» ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2017-يىلى 14-مايدىن 15-مايغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىر يول، بىر بەلباغ» يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

716526
ئەردوغان «بىر يول، بىر بەلباغ» ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 14-15-ماي كۈنلىرى بېيجىڭدا «بىر يول، بىر بەلباغ» ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا 28 دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتنىشىدىكەن.

تۈركىيەگە ۋاكالىتەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«بىر يول، بىر بەلباغ» لايىھەسى 2013-يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، تۈركىيە بۇ لايىھەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر