«مەن پانىي بەندىمەن، يېڭى تۈزۈم ئەردوغاننىڭ تۈزۈمى ئەمەس»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان cnn تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ رېفېراندۇم ۋە تۈرك دېموكراتىيەسى ئۈستىدە توختالدى.

715810
«مەن پانىي بەندىمەن، يېڭى تۈزۈم ئەردوغاننىڭ تۈزۈمى ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دېموكراتىيەنىڭ كۈچىنى خەلقتىن ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ دەل مىللىي ئىرادە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغانCNN تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 16-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن  ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى توغرۇلۇق توختالدى.

رېفېراندۇم ئۈستىدە سۆز قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزىگە قارىتىلغان «دېكتاتور»دېگەندەك ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىپ، «بۇ تۈزۈم رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەۋە تۈزۈم ئەمەس»دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنۇلارنى دېدى: «مۇسابىقىلەردە0گە قارشى 1 ياكى 0گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ئۇتۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق قىممىتى يوق، مۇھىم بولغىنى مۇسابىقىگە چۈشۈشتۇر. 14-15 يىلدىن بۇيان مەن ئۈچۈن دېكتاتور دېگەن ئىبارىنى ئىشىلىتىپ كېلىۋاتقانلار بار. دېكاتورلۇقتا پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى چوقۇم بولۇشى كېرەك، دەيدىغان بىر ئىش بولمايدۇ. تۈركىيەدە سايلام ۋە رېفېراندۇملار ئۆتكۈزۈلگەندە بېلەت تاشلاش ساندۇقلىرى چوقۇم قويۇلىدۇ، دېموكراتىيەمىز كۈچىنى خەلقتىن ئالىدۇ، بۇ دەل مىللىي ئىرادىدۇر، يېڭى تۈزۈم تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە تارىخىدا بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.»

يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈمى ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «مەن پانىي بەندىمەن،ھامان ئۆلۈپ كېتىمەن، شۇڭا ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغان بىرى ئۈچۈن مەخسۇس مۇشۇنداق تۈزۈم بېكىتىش ئەقىلگە سىغامدۇ؟»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىگەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، كۆرۈشۈشتىن ئىجابىي سىگناللارنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئىتتىپاقداش ھېسابلىنىدىغان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ باش جاۋابكارى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ مەخسۇس كۆرۈشۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشىغا ئۈمىد بىلەن قارايمەن، ئۈمىدىمنى يوقىتىپ قويمايمەن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇقمۇ توختالدى.

«ياۋروپا ئىتتىپاقى 54 يىلدىن بۇيان بىزنى بوسۇغىسى ئالدىدا ساقلىتىپ كەلمەكتە»دېگەن ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەر كىرىزىسى ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەردە مۇھىم رول ئوينىغان تۈركىيەگە ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىش ۋە كۆچمەنلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش جەھەتتە بەرگەن ۋەدىسىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر