ئەردوغان سىياسىي پارتىيە باشلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خەلقنىڭ 25 مىليون ئەتراپىدا ئادەم قوللاپ بېلەت تاشلىغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىكى پەزىلىتىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

714233
ئەردوغان سىياسىي پارتىيە باشلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدا خەلققە خىتاب قىلدى. ئۇ، خەلقنىڭ كېلەچەككە ئىگە چىققانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە كىرىزىسنى يېڭەلەيدىغان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، 16-ئاپرېلنىڭ تۈركىيەنىڭ دۆلەت تۈزۈمى توغرىسىدا تارىخىي قارار قىلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى، ئاساسىي قانۇننىڭ 18 ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يۇقىرىقى سۆزىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنىڭ خەلق ۋە دۆلەتكە خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى.

ئۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمغا، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باھچەلىگە ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستەجىگە تەشەككۈر ئېيتتى.

جۇمھۇرىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم پۈتۈنلەي پۇقرالارنىڭ قولى ئارقىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلىرىمىزگە مۇۋاپىق شەكىلدە ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر