ئەردوغان خىرىستىيانلارنىڭ پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىرىستىيانلارنىڭ پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

713499
ئەردوغان خىرىستىيانلارنىڭ پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوخشىمىغان چىركاۋ ۋە جامائەتلەرگە تەۋە خىرىستىيانلارنى  خىرىستىيانلارغا نىسبەتەن مۇھىم دىنى بايرام ھېسابلىنىدىغان پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، دىنى بايراملارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك تۇيغۇلىرى كۈچىيىدىغان، جەمئىيەتتە قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق روشەن گەۋدىلىنىدىغان ئالاھىدە كۈنلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

تەبرىك تېلېگراممىسىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: «بىز دۆلىتىمىزدە قايسى ئېتىقاد، دىن، مەزھەپ ۋە ئېتنىك توپلۇققا ئىگە بولۇشتىن قەتئىينەزەر پۇقرالىرىمىزنىڭ دىن، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەركىن ياشىيالىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. ئوخشىماسلىقلارغا بايلىق سۈپىتىدە قارايدىغان، ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈنى ئاساس قىلىدىغان چوڭقۇر مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئوخشىمىغان دىنلار ۋە جامائەتلەرنىڭ مەملىكىتىمىزدە ئەسىرلەرچە تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشىشىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ئۈلگە بولالاشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ھېس-تۇيغۇ ئىچىدە خىرىستىيان پۇقرالىرىمىز بولۇپ بارلىق خىرىستىيانلارنى پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ، ئۇلارغا ئامانلىق-ئېسەنلىك تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر