ئەردوغان ئەتە ھەممەيلەننى ئەتە چوقۇم بېلەت تاشلاشقا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كارتالدىكى نۇتۇقىدا، «100 يىل ئىلگىرى ئوسمانلىنى دېيىشەتتى. ئەمدى كېسەل ئادەم ياۋروپا بولدى» دېدى.

713284
ئەردوغان ئەتە ھەممەيلەننى ئەتە چوقۇم بېلەت تاشلاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ساندۇق بېشىغا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ تۇزلا ۋە كارتال ناھىيەلىرىدە خەلققە خىتاب قىلدى.

ئەتە ھەممەيلەننىڭ ساندۇققا بېرىپ بېلەت تاشلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئەردوغان، تۇزلادىكى نۇتىقىدا، بۇ بېلەتلەر رەسمىي نەتىجىگە ئېرىشكىچە ئەستايىدىللىق بىلەن تەقىب قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كارتالدىكى نۇتۇقىدا، «100 يىل ئىلگىرى ئوسمانلىنى <كېسەل ئادەم> دېيىشەتتى. ئەمدى كېسەل ئادەم ياۋروپا بولدى. ئىقتىسادى چېكىنمەكتە. تاشقى قەرزلىرى ئاشماقتا. پەقەت يان خوشنىمىز گىرېتسىيەگىلا گېرمانىيە 400 مىليارد دوللار قەرز بەردى. تۈركىيەنىڭ بۇنداق بىر دەردى بارمۇ؟ بۇنداق دەردى يوق» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر