ئەردوغان ئۆلكە تۈزۈمى تالاش – تارتىشلىرى ئۈستىدە توختالدى
ئەردوغان كونيا قىلىچئارسىلان شەھەر مەيدانىدا خەلققە خىتاب قىلىپ، كۈنتەرتىپىدە بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدىغان «ئۆلكە ياكى فېدېراتسىيە سىستېمىسى» دېگەندەك تالاش – تارتىشلارغا ئىزاھات بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بىر پۈتۈنلۈك سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھىمايىچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان كونيا قىلىچئارسىلان شەھەر مەيدانىدا خەلققە خىتاب قىلىپ، ئۆلكە تۈزۈمى تالاش تارتىشلىرى ئۈستىدە توختالدى.
بۇنداق تۈزۈملەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە يوقلۇقىنى ئالاھىدە جىكىلىگەن ئەردوغان: «ئۆلكە، فېدېراتسىيە دېگەنلەرنىڭ ھېچبىرسى بىزنىڭ كۈنتەرتىپىمنىزدە يوق ۋە بولمايدۇ. ئەمدىلىكتە سىياسەت يېڭىلانماقتا. جۇمھۇرىيىتىمىزنى بىر پۈتۈنلۈك سىستېمىسى ئىچىدە تېخىمۇ مەنپەئەتلىك ھالغا كەلتۈرۈش قارارىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن. جۇمھۇرىيىتىمىز بىلەن ئىپتىخارلىنىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.