ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئەردوغان پۇتىن بىلەن سۈرىيە كىرىزىسى، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

712334
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە كىرىزىسى، خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى بويىچە سۆزلەشتى.

ئىككى رەھبەرتېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئاستانا مېخانىزمى ۋە جەنۋە سۆھبەتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇرۇش توختىتىشنى پۈتكۈل سۈرىيە زېمىنىغا كېڭەيتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن سۆھبەتتە، ئىدلىب پۇقرالىرىغا قىلىنغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى؛ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھەر ئىككى رەھبەر، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ مۇستەقىل شۇنداقلا قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا يەنە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىقتىساد ۋە سودىنىڭ گۈللىنىشى يولىدىكى پۈتكۈل توسۇق ۋە چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن ھەر ئىككى رەھبەر، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ يېقىن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر