خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق تاماكىسى تۈركىيەگە تەھدىت سالماقتا

تۈركىيەدە سېتىلىشى مەنئىي قىلىنغان بىراق خىتايدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن كېلىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ھەققىدە مۇتەخەسسىلەر ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولماقتا.

712954
خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق تاماكىسى تۈركىيەگە تەھدىت سالماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نۇپۇزلۇق گېزىتلىردىن «يېڭى شەپەق گېزىتى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

خىتايدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن كېلىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق تاماكا تۈركىيەدە 150 لىرادىن 500 لىراغىچە سېتىلماقتا. «N-base» دەپ ئاتلىدىغان ئاساسلىق سۇيۇقلۇقى ئالاھىدىلىكلىرىگە كۆرە 30 لىرادىن 200 لىراغىچە، باتارىيەسى بولسا، 60 لىراغىچە سېتىلماقتا. 

ئوق مەيدانى تەتقىقات دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىس دوختۇرى تۇغرۇل ئايدىن خىتايدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن كېلىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق تاماكىدىكى نامەلۇم خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، تاماكا تاشلاتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ ئايىرىلالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى، تاماكا تاشلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ ساختا بويۇملىرىدىن ئەمەس، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى سۇنغان ھەر خىل مۇلازىمەتلەردىن پايدىلىنىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. 

مۇتەخەسسىس دوختۇر تۇغرۇل ئايدىن خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق تاماكىسىدىن زەھەرلىنىپ بالنېستقا ئېلىنىۋاتقانلار نىسبىتىنىڭمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

خىتايدا «تاماكا تاشلاتقۇزىدۇ» دېگەندەك شوئارلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش باشلانغان بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەسلىدىكى مەقسىتىدىن ھالقىپ، بىر تىجارەت بويۇمىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، 2016 – يىلى ئومۇمىي سودا نىسبىتىنىڭ 5 مىلياردقا چىققانلىقى ۋە 2025 – يىلىغىچە ھەر يىلى %20 ئۆرلىتىپ، 50 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 

تۈركىيە تاماكىغا قارشى كۈرەش جەمئىيىتى باشلىقى مۇستافا ئايدىن، تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەر يىلى تاماكا ئۈچۈن 95 مىليارد لىرا، يەنى 25 مىليارد دوللار ئىسراپ قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا كۆرە، دۇنيا مىقياسىدا يىلغا 950 مىليارد دوللار تاماكا ئۈچۈن ئىسراپ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر