تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورىستلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى

تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە قەندىل رايونىغا ھاۋادىن، لىجە رايونىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلدى.

707820
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورىستلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن سائەت 16.10 – 16.30 ئارىلىقىدا بۇ ھەقتە يەتكۈزۈلگەن ئاخباراتقا ئاساسەن قەندىل رايونىنى بومباردىمان قىلىپ، تېررورىستلارغا ئائىت 3 پاناھ جاي ۋە 2 يەر ئاستى پاناھلىنىش ئورنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتقان.

لىجەدىكى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىدا بولسا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت كۆپ مىقداردا قورال – ياراغ، ئوق - دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر