ئامېرىكىدىكى تۈركلەر قىزغىنلىق بىلەن بېلەت تاشلىماقتا

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ رېفېراندۇمغا بېلەت تاشلاش قىزغىنلىقىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقى دىققەت تارتتى.

705251
ئامېرىكىدىكى تۈركلەر قىزغىنلىق بىلەن بېلەت تاشلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى باشلىنىپ ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويغاندا، بېلەت تاشلىغانلار سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ھەپتە بېشىدىكى تۇنجى خىزمەت كۈنىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ سائىتىدە 200 ئادەم بېلەت تاشلىدى.

ئامېرىكا مىقياسىدا رېفېراندۇمغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %40 تىن ئاشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ئامېرىكىدا جەمئىي 100 مىڭ 65 سايلىغۇچى بار بولۇپ، 38 مىڭ 407 سايلىغۇچى نىيۇ يورك شەھىرىدە ياشايدۇ. پايتەخت ۋاشىنگتوندا 13 مىڭ 860 سايلىغۇچى بار. تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىن باشقا، نىيۇ يورك، مىئامى، بوستون، لوس ئانژېلىس، خوستون ۋە چىكاگو قاتارلىق شەھەرلەردە ئاۋاز ساندۇقى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل دائىرىلەر ئامېرىكىدا بېلەت تاشلاش باشلانغان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە. چەت ئەللەردە رېفېراندۇمدا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن كىملىك بىلدۈرۈلۈشى كېرەك. ئامېرىكا تەۋەسىدە بېلەت تاشلاش 9-ئاپرېل شۇ يەر ۋاقتى سائەت 21:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر