تۈركىيە بىريۇسسېلدىكى سۈرىيە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلماسلىقنى قارار قىلدى

تۈركىيە، بىريۇسسېلدا بۈگۈن باشلىنىدىغان 2 كۈنلۈك «سۈرىيە ۋە رايوننىڭ كېلەچىكىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى» ناملىق يىغىنغا سىياسىي دەرىجىدە ئىشتىراك قىلمايدۇ.

705345
تۈركىيە بىريۇسسېلدىكى سۈرىيە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلماسلىقنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا ۋە سىياسىي مۇساپىسىنىڭ جانلاندۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغان تۈركىيە، 2016  لوندون ئەھدە يىغىنىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىغان، ئىختىلاپلارنىڭ سىياسىي قانىتى تەرەپمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىنغا ئالاھىدە تۆھپە قوشالايدىغان شەكىل ۋە سۈپەتتە ئىشتىراك قىلىش ئۈمىدىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغان؛ بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلماسلىقنى قارار قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

دۇنيادا ئەڭ كۆپ سۈرىيەلىك مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تۈركىيە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تىنچلىقپەرۋەر يىغىنلاردىكىگە ئوخشاشلا يىغىننىڭ ھالقىلىق قىسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىپ، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئېسەنلىكىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ھەسسە قوشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر