گېرمانىيەدىكى تۈركلەر بېلەت تاشلاش ئۆچرىتىدە...
دۈسسېلدورف ۋە كۆلنگە ئوخشاش تۈركلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى كونسۇلخانىلارنىڭ ئالدىدىكى ئۆچرەتلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەزىدە 500 مېتىردىن ئېشىپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە 16 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا ئالاقىدار ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە ئاۋاز قاتناشتۇرماقچى بولغان گېرمانىيەدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى، 13 ئورۇنغا قويۇلغان ساندۇقلارغا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەتلەرنى شەكىللەندۈردى.
دۈسسېلدورف ۋە كۆلنگە ئوخشاش تۈركلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى كونسۇلخانىلارنىڭ ئالدىدىكى ئۆچرەتلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ بەزىدە 500 مېتىردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، بەزى بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئۆچرەتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى كۆرۈپ بېلەت تاشلاشنى باشقا بىر كۈنگە كېچىكتۈرۈپ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقى قەيت قىلىندى.
گېرمانىيەدە ياشايدىغان تۈرك بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ 9 – ئاپرېلغىچە ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن كەچ سائەت 9 غىچە بېلەتلىرىنى تاشلىيالايدىغانلىقى، بېلەت تاشلايدىغانلارنىڭ نوپۇس دەپتىرى ياكى پاسپورتىنى بىرلىكتە ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.