ياۋروپادا رېفېراندۇم ئۈچۈن ئاۋاز بېرىش باشلاندى
تۈركىيەدە 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇم ئۈچۈن ئاۋاز بېرىش باشلانغان 6 ياۋروپا دۆلىتى ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدا 3 كۈن ئىچىدە جەمئىي 69 مىڭ 79 سايلىغۇچى بېلەت تاشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇم ئۈچۈن چەت ئەللەردىكى تۈركىيە ۋاكالەتخانىلىرىغا قاراشلىق سايلىغۇچىلار 27 – مارت كۈنى بېلەت تاشلاشقا باشلىغانىدى.
ئەڭ كۆپ تۈركىيە پۇقراسى ياشايدىغان گېرمانىيەدىكى 13 ۋاكالەتخانىدا بېلەت تاشلاندى. گېرمانىيەدىن سىرت يەنە، فىرانسىيەدە 6، ئاۋىستىرىيەدە 3، شىۋېيتسارىيەدە 3، بېلگىيەدە 2، دانىيەدە 1، لىيۇكسېمبورگدا 1 بولۇپ، جەمئىي 29 ۋاكالەتخانىدا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن ساندۇقلار ئورنىتىلغانىدى. دەسلەپكى 3 كۈن ئىچىدە 57 مىڭ 521 سايلىغۇچى رېفېراندۇمنى قوللاپ ياكى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى. ئايرودۇرۇملاردىكى ۋاقىتلىق تاموژنا ئېغىزلىرىدا ۋە باشقا تاموژنا ئېغىزلىرىدا بولسا 11 مىڭ 558 سايلىغۇچى بېلەت تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھازىرغىچە 69 مىڭ 79 سايلىغۇچى بېلەت تاشلىغان بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.