باش مىنىستىر يىلدىرىم سادىق بىلەن كۆرۈشتى
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم چانقايا سارىيىدا پاكىستان پارلامېنتى باشلىقى سەردار ئاياز سادىق بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئۇچرىشىشتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار ئىستەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ سودا - ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
15- ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى نامايان قىلغان ھەمكارلىق روھى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدىكى پىكىر - قاراش ۋە بۇ جەھەتتە كۈتىدىغانلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ئىسمائىل قاھرامانمۇ تۈنۈگۈن پاكىستان پارلامېنتى باشلىقى سادىق بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا پارلامېنتنىڭ 15 - ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا بومباردىمان قىلىنغان جايلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.