چاۋۇشئوغلۇ شىۋېيتسارىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە فاشىزم پاتقىقىغا پاتقان ياۋروپانىڭ بارغانسېرى يارنىڭ لىۋىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

700143
چاۋۇشئوغلۇ  شىۋېيتسارىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شىۋېيتسارىيەنىڭ فېدېراتسىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۆتكۈزگەن يىغىلىشتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىنىڭ ئېسىلغانلىقى توغرىسىدا توختالدى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لوزۇنكا ئېسىلغاندا دىپلوماتىك نارازىلىقلارنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئىككى كۈن ئىلگىرى (25-مارت) يۈز بەرگەن ۋەقەنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شىۋېيتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تېلېفون قىلدىم، ئۇ ماڭا <خەۋىرىم يوق> دېدى. ئۇنىڭغا تارتىلغان فوتوگرافلارنى ئەۋەتىپ بەردۇق، بۇ فاشىزملىق بولماي نېمە؟ بۇنى دېگەن ۋاقتىمىزدا ئاغرىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپانىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيەگە قارشى يولغا قويغان سىياسەتلەرنى تەنقىد قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئەمدى سىياسىي پارتىيە ھەمدە سوسيالىست پارتىيەمۇ فاشىزم سىزىقىغا يېقىنلاشقان بولسا، ياۋروپانىڭ ھالىغا ۋاي. سەن تېررورلۇقنى، زوراۋانلىقنى تەشۋىق قىل، ئۇنىڭدىن كېيىن سېنى تەنقىد قىلغاندا، تۈركىيە نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇنداق دەيدۇ؟ دە. توغرىنى دەۋاتىمىز، <ئەردوغاننىڭ رەسىمىنى بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ پارلامېنتقا ئېسىشى قانداق گەپ؟ بۇ فاشىزملىق بولماي نېمە؟ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغانلىق، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش بولماي نېمە بولىدۇ؟ بۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا، تېررورلۇق ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئوخشاش بىر سەپتە بولۇش دېگەنلىكتۇر.»

ئۇ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى، ياۋروپا يېتىپ كەلگەن نۇقتا بۇ. ياۋروپا يارنىڭ لىۋىگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ، بىز ئەسكەرتىۋاتىمىز، ئۇلار يەنە ئاغرىنىۋاتىدۇ. ئەمدى بېشىنى قۇمدىن چىقارسۇن» دېدى.

ئۇ ياۋروپانىڭ ناھايىتى خەتەرلىك نۇقتىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمما، ئۇلار نېمە دېسە دېسۇن، نېمە قىلسا قىلسۇن، 16-چېسلادىكى رېفېراندۇم نەتىجىسىنى خەلق بەلگىلەيدۇ. ئىنشائاللاھ، خەلقىمىز 16-چېسلادا <بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىسى بىز، بۇ دۆلەتتە قارار قىلىش ھوقۇقى بىزدە، گەپ قىلىش ھوقۇقىمۇ بىزدە، بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس، بىز قارار قىلىمىز، دەيدۇ» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەردوغاننىڭ رەسىمىنى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە فاشىست شەكىلدە ئاسقان يىغىلىشنى سۈرۈشتە قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «شىۋېيتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، <مەن ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ، تەكشۈرىمەن> دېدى. بۇنى يېقىندىن كۆزىتىمىز، قېنى بۇ توغرىدا نېمە قىلدى، كۆرىمىز» دېدى.

ئۇ سۈرىيەدە باشتا ئامېرىكا، كېيىنچە رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ كىيىمنى كىيىپ رەسىمگە چۈشۈپ تارقاتقانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنىڭ ۋە ھەمكارلىشايدىغانلىقلىرىنىڭ ئىسپاتى. ئاساسلىقى ئۇلار بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىۋاتىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى، بۇ نومۇس قىلارلىق ئىشتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئاجىزلىق ئىچىدە سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن يانمۇ يان تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىشى، ھەقىقەتەنمۇ نومۇس قىلارلىق ئەھۋال.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر