«تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى رېفېراندۇم ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز مۇمكىن»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى رېفېراندۇم ئارقىلىق بېكىتىش ئېھتىمالىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

699183
«تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى رېفېراندۇم ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى داۋاملاشتۇرماسلىق مەسىلىسىنىڭ  رېفېراندۇم ئارقىلىق بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانتاليا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسىلىسىدە ئەنگلىيەنىڭ ئۈلگە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشىمىز مۇمكىن، مىللىتىمىز قانداق قارار بەرسە شۇنىڭغا بويسۇنىمىز.»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  نىڭ شىۋېتسارىيەدە ئۆزىگە قارشى پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «شىۋېتسارىيە پارلامېنتىغا قارىمامسىلەر، ئاشقۇن تېررورلۇق تەشكىلاتى پارلامېنتقا مېنىڭ رەسىمىمنى ئېسىپ، چىكەمگە تاپانچا تەڭلەپ قويۇپتۇ. مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟ بۇ ئىنساننىڭ ئەقلىگە سىغامدۇ؟ بۇ دەل شىۋېتسارىيەدە بولىۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە بۇنداق ئىش يوق. بىز بەلكىم ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلغىنىغا ئوخشاش، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى داۋاملاشتۇرماسلىق مەسىلىسىنى رېفېراندۇم ئارقىلىق بېكىتىشىمىز مۇمكىن، خەلقنىڭ قارارىغا بويسۇنىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر