تۈركىيە شىۋېتسارىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىۋېتسارىيەنىڭ پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

699271
تۈركىيە شىۋېتسارىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىۋېتسارىيە دائىرىلىرىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۆلگۈنچى تېررورچىلارنىڭ پايتەخت بېرندا يىغىلىش ئۆتكۈزگەندە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان رەسىم ئېسىشىغا ساقچىلارنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلىقلىرىنى ئەيىبلدى.

تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى شىۋېتسارىيەنىڭ فېدراتىپ پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان 250دەك پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە شىۋېتسارىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى مۇئاۋىن ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر