تۈركىيە رۇس باش ئەلچى ۋەكىلىنى ئىككىنچى قېتىم مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى باش ئەلچى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رۇس ئەلچىنىڭ مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلىنىشى ۋە بېرىلگەن سىگناللار توغرىسىدا توختالدى.

698221
تۈركىيە رۇس باش ئەلچى ۋەكىلىنى ئىككىنچى قېتىم مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋەكىلىگە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان <رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى پ ي د / پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن سۈرەتلىرى> نى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى يەتكۈزدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سۈرىيەنىڭ پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى جايلاردا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر يۈزىسىدىن يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋەكىلى سېرگېي پانوۋغا ئىككى قېتىم ئىپادە بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى باش ئەلچى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈنۈگۈن چېگرادا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدىن كېيىنلا رۇسىيە باش ئەلچى ۋەكىلىنىڭ مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە «ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن بۇ ۋەقەدىن كۈچلۈك بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىمىزنى يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر قايتا يۈز بېرىپ قالسا، (تېررورلۇق تەشكىلاتىغا) ئوخشاش ئۇسۇلدا قايتۇرما زەربە بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى» دېگەنىدى.

بەزى مەنبەلەر، مۈفتۈئوغلۇ بايانات بېرىۋاتقان ئەسنادا مىنىستىرلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ رۇسىيە باش ئەلچى ۋەكىلى پانوۋ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان فوتو – سۈرەتلەردە رۇس ئەسكەرلەرنىڭ ھەلەبتە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى ي پ گ ۋە ي پ ج بايراقلىرى تۇتقان ھالدا رەسىمگە چۈشۈرۈشىگە، ھەتتا رايوندىكى رۇس قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىۋاتقان بىر مايور گېنېرالنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا قولىغا ي پ گ بەلگىسىنى تاقىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە باش ئەلچى ۋەكىلىگە «پ ي د / ي پ گ گە ئالاقىدار پوزىتسىيەمىزنى رۇسىيە تەرەپ ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا، بۇ كۆرۈنۈشلەر بىزنى بىئارام قىلدى» دېگەن سىگنال بېرىلدى.

 باياناتچى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن موسكۋادىكى پ ي د / ي پ گ ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىقمۇ، سۈرىيەدىكى رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ي پ گ بەلگىسىنى تاقىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇنى ھېچبىر شەكىلدە قوبۇل قىلمايمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ رايوندىن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشى ئۈچۈن باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، چىگىشلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ھەم رۇسىيە ھەم ئامېرىكا تەرەپكە بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىشىق، «بۇنى دېيىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز، سوغۇققانلىق ۋە توغرا پىكىرنىڭ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈپ، (ئۇلارنىڭ) تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان پ ي د بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن ۋاز كېچىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر