تۈركىيە ئەمدى بۇرۇنقى تۈركىيە ئەمەس

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلەنگەن تۈركىيەدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

697718
تۈركىيە ئەمدى بۇرۇنقى تۈركىيە ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) نىڭ ئامېرىكا سايلام كوردىناتسىيە مەركىزىي نىيۇ جېرسىيدا ئۇيۇشتۇرغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. ئۇ مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رايوندا ۋە دۇنيادا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرگە بۇرۇنقىدىن بەكرەك ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «بىز ئامېرىكىنى ئىتتىپاقداش، دوست دەپ بىلىمىز. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتكە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىلگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرى ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ پېنسىلۋانىيەدە قوغدىلىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى ياكى قولغا ئېلىنىشىنى ئىسپاتلار بىلەن يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ بارغانسېرى ئاكتىپ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە بارلىق ئىزىلگەن خەلقلەرگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بېرىپ، جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ئافرىقىدىكى ھايتى ۋا سومالىغا ئوخشاش دۆلەتلەرگىمۇ ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقى تۈركىيە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە ئەمدى تۈركىيەدىن چوڭ. تۈركىيە پەقەتلا 781 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئىبارەت ئەمەس، تۈركىيە 80 مىليوندىنلا ئىبارەت ئەمەس، بۇنداق كۈچلۈك تۈركىيەنى يۈز يىللاردىن بۇيان كۈتۈپ تۇرغانلار بار» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 15 يىللىق مۇقىم ۋەزىيەتنىڭ تۈركىيەنى زورايتقانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۆز يولىنى كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ تۈركىيەدە 16-چېسلا ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇم توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن كېيىنكى مەزگىلگىمۇ تەييار قىلىشىمىز كېرەك. شەخس ۋە رەھبەرلەر كۈچلۈك بولغاندىن باشقا، تۈزۈممۇ مۇكەممەل بولۇشى كېرەك.»

ئۇ تۈركىيەدىكى تۈزۈمنىڭ پىرېزىدېنتلىقمۇ ئەمەس، پارلامېنتلىق تۈزۈممۇ ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپ قانۇن لاھىيەسىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ياۋروپا ئاخباراتلىرىنىڭ ھەر مەسىلىدە يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى، گوللاندىيە بىلەن ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەگە ھەسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە قارشى چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ قارىلاش ھەرىكىتىدە، ياۋروپانىڭ سېپىدە تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر