ئەردوغان: نورۇز روھىغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «نورۇزنىڭ مەنىسى بولغان قايتىدىن تىرىلىش روھىغا، مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئىگە چىقىشىمىز كېرەك» دېدى.

695265
ئەردوغان: نورۇز روھىغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 21-مارت دۇنيا نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى. ئۇ: «نورۇز كەڭ كەتكەن بۇ زېمىنلاردىكى قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق بايرىمىدۇر. مەن نورۇزنىڭ رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن مۇقىملىق ھەمدە پاراۋانلىققا ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئۇ تېلېگراممىسىدا: «مەدەنىيەت خەزىنىمىزنى بوغۇشقا ئۇرۇنغانلارغا قارشى ئۆز تارىخىمىز ۋە ئەنئەنىلىرىمىزدىن ئالغان كۈچ بىلەن كۈرەش قىلىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، دۇنيادىكى ئاجىز ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان خەلقلەر ئۈچۈن قۇتلۇق كېلەچەكنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان نورۇز گۈلخانىنىڭ ئانادولۇدىن يېقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر