«ئىنسانلىقنىڭ ئۈمىدى بولغىن» سەپەرۋەرلىكى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن جەنۇبىي سۇدان ۋە يەمەندىكى موھتاجلار ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ئىنسانلىقنىڭ ئۈمىدى بولغىن» سەپەرۋەرلىكى ئۈچۈن، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەخمىنەن 30 ئاممىۋى تەشكىلات ھەرىكەتكە ئۆتتى.

693934
«ئىنسانلىقنىڭ ئۈمىدى بولغىن» سەپەرۋەرلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى، تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى ۋە 30 غا يېقىن ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى كېرەم قېنىق، يىغىلغان ئىئانىلەردىن سىرت يەنە، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئىسكىلاتلىرىدىن بۇ دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

قېنىق، يەمەن ۋە جەنۇبىي سۇدانغا قىلغان زىيارەتلەر جەريانىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش توغرۇلۇق تۈرلۈك پىلانلارنى تۈزۈپ چىققانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

جەنۇبىي سۇدان رايونىدا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان 3 مىليون كىشىنىڭ، يەمەندە داۋالىنىشقا موھتاج 13 مىڭ يارىدارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان قېنىق، ئالدى بىلەن بۇ دۆلەتلەرگە سەھىيە ۋە يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىن جىددىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەمەن، شەرقىي ئافرىقا، جەنۇبىي سۇدانغا ئالدى بىلەن بىر ھاۋا كارىدورى ئېچىپ، يۈك ئايروپىلانى ئارقىلىق جىددىي ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە دورا بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن قېنىق، كېيىنچە بۇ ئۈچ رايونغا پاراخوت ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقلىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر