ھاققارىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ھاققارىنىڭ  يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەسەنلەر رايونى مەسئۇلى تايفۇن ئايھاننىڭ ئاكىسى مۇرات ئايدىن قازا قىلدى.

688503
ھاققارىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناھىيە مەركىزىدە قېرىندىشى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەسەنلەر رايونى مەسئۇلى تايفۇن ئايھان بىلەن بىرلىكتە كېتىۋاتقاندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك لىق تېررورىستلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان ۋە ھاققارى دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئايدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.

ھۇجۇمدا يېنىك يارىلانغان تايفۇن ئايھان بولسا داۋالانغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقتى.

دوختۇرخانىغا بارغان ۋالىي جۈنەيت ئورھان توپراق مەسئۇللاردىن ئۇچۇر ئىگىلىدى.

بۇ ئارىلىقتا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ناھىيە مەركىزىدىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى بولغان تېررورىستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر