ئەردوغان 23 مىليون ئادەمنى ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە 23 مىليون ئادەمنىڭ ئاچارچىلىقنىڭ پەنجىسىدە ئىزىلىشىغا قاراپ تۇرمىدى.

688148
ئەردوغان 23 مىليون ئادەمنى ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېردا تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي ئافرىقا رايونى ئۈچۈن باشلىغان ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە ياردەم قىلىشنى چاقىرىق قىلدى. ئۇ چاقىرىقىنى تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە تىللىرىدا ھەمبەھىرلەپ، قۇرغاقچىلىق سەۋەب بولغان ئاچارچىلىق ئاپىتى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ياردەم چاقىرىقلىرىغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلىشىچە، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ «شەرقىي ئافرىقىنىڭ ئۈمىدى بول» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۈچۈن بارلىق تېلېفونلاردا، «شەرقىي ئافرىقا» دەپ يېزىپ، 2868 گە ئۇچۇر ئەۋەتكەندە 10 لىرا ئىئانە قىلغىلى بولىدىكەن.

ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي ئافرىقىغا جايلاشقان سومالى، جەنۇبىي سۇدان، ئېفىيوپىيە، كېنىيە، جىبۇتى، سۇدان، ئۇگاندا ۋە بۇرۇندى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 23 مىليون ئادەم ئاچارچىلىقنىڭ پەنجىسىدە ئىزىلمەكتە ئىكەن.

شەرقىي ئافرىقىدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى سەۋەبىدىن يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كېتىشى، كىرىزىسنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىغا سەۋەب بولماقتا.

ب د ت يىمەك-ئىچمەك ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېفىيوپىيە، كېنىيە، سومالى، جەنۇبىي سۇدان، ئۇگاندا ۋە تانزانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يېمەك-ئىچمەك باھاسى يېقىنقى بىر يىلدا رېكورت سەۋىيەدە ئۆسۈپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر