چاۋۇشئوغلۇ مېركېلنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ھەر قايسى گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ باش تەھرىرلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى.

688017
چاۋۇشئوغلۇ مېركېلنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، بەزى مىنىستىرلارنىڭ يىغىنلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تۈركىيە - گېرمانىيە ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق ھەققىدە توختىلىپ، «بىز گېرمان دائىرىلىرىنى ناتسىست دېمەيمىز. سىياسەتلىرى شۇ دەۋرنى خاتىرىلىتىدۇ» دېدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ھەر قايسى گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ باش تەھرىرلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى. گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا كۆرۈلگەن سوغۇقچىلىق ھەققىدە توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەنىڭ بەزى تۈرك مىنىستىرلارنىڭ يىغىنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىغا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ %100 تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

«ئۇلار يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلارغا بېسىم ئىشلىتىدۇ» دېگەن چاۋۇشئوغلۇ، «سىلەر ناتسىتسىلەر دېمىدۇق، <قارار ناتسىست دەۋرىنى ئەسلىتىدۇ> دېدۇق» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەگە 30 دەك پائالىيەت ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقىنى ۋە بۇلار ئۈچۈن جاۋاب كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، گېرمانىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، «تۈركىيە مۇھىم بىر شېرىك، لېكىن، بىزنى ناتسىستلارغا ئوخشىتىشى رەنجىدە قىلدى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر