چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەدىكى يېقىندىن بۇيان كۈچىيىپ كېتىۋاتقان تۈركىيەگە قارشى خاھىشنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

686893
چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى
çavuşoğlu almanya1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن ئۇچراشقان چاۋۇشئوغلۇ، يىغىن ئېچىشقا توسقۇنلۇق قىلىشلارنىڭ ئۆزلىرىنى بويۇن ئەگدۈرەلمەيدىغانلىقىنى، قورقۇتالمايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان پۇقرالىرى بىلەن رىشتىسىنى ئۈزىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدىكى يىغىن ئېچىشقا توسقۇنلۇق قىلىشلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ياراشمايدىغان بىر خىل پوزىتسىيە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەدە ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ بېسىم ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «گېرمانىيەنىڭ سىستېمىلىق ھالدا تۈركىيەگە قارشى ئىش قىلىشى ۋە بۇ يەردە ياشايدىغان پۇقرالىرىمىزغا قاراتقان سىستېمىلىق بېسىمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

گېرمانىيەدە ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇھىم بىر كۆۋرۈك شەكىللەندۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق، سەلبىي پوزىتسىيەلەرگە بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ھېچبىر دوست دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشماسلىقنى پىرىنسىپ قىلغانلىقىنى، گېرمانىيەنىڭ بولسا، تۈركىيەدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى، پائالىيەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ قوللانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە بۇنداق مۇداخىلە قىلىشى ھەددى ئەمەس» دېگەن چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەنى دېموكراتىك قىممەتلەرگە ۋە پۇرسەت باراۋەرلىكىگە قايتىپ كېلىشكە چاقىردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىئاراملىقىنى گېرمان مەنسەپدېشى زىگمار گابرىيېل بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر