دەۋلەت باھچەلى گېرمانىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دەۋلەت باھچەلى «تۈركىيە رايوننىڭ ئېغىرلىق نۇقتىسىدۇر. تۈركيىە قاينىسا، بېرلىن ئوت ئالىدۇ، تۈركىيە زىيان تارتسا، لوندون مالىمان بولىدۇ» دېدى.
![دەۋلەت باھچەلى گېرمانىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0a98/7c1a/167c/58be875556a8a.jpg?time=1718807303)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دەۋلەت باھچەلى گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە مىنىستىرلىرىغا قارىتا پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلىشتىن دەرھال قايتىشى ۋە يىرىكچىلىكنى ئاشۇرىدىغان ئىش–ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
دەۋلەت باھچەلى پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
16–ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇررەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئاساىسي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش سايلىمىىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە، تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ سۆز قىلىشىنى چەكلىگەن گېرمانىيەگە ئالاھىدە چاقىرىق قىلىپ: «سەۋرچانلىق ۋە سوغۇققانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى تۈزىتىشنىڭ يولىنى ئىزدىشى لازىم. ئەگەر بۇ يول تېپىلمايدىغان بولسا، تاپالمىغان بولسا، گېرمانىيە ئۆزى بىلىپ قالسۇن. ئۆزى يىقىلغان كىشى يىغلىسا بولمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە بىز ئۆز يولىمىزنى ئۆزىمىز تاپىمىز» دېدى.
دەۋلەت باھچەلى «تۈركىيە رايوننىڭ ئېغىرلىق نۇقتىسىدۇر. تۈركيىە قاينىسا، بېرلىن ئوت ئالىدۇ. تۈركىيە زىيان تارتسا، لوندون مالىمان بولىدۇ» دېگەننىمۇ سۆزلىرىگە ئېلاۋە قىلدى.
ئۇ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى خەلقنىڭ رايىغا قويۇش ھەققىدىمۇ توختىلىپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خەلقنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشكەن تەقدىردە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى، بۆلگۈنچى تېررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د / ي پ گ نى ھەمدە د ھ ك پ ج تېررولۇق تەشكىلاتىنى قوللاپ–قۇۋۋەتلەۋاتقانلارنىڭ يۈزىگە تولىمۇ كۈچلۈك مىللىي تەستەك ئۇرۇلغان بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718807303)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718807303)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.