باھچەلى ياۋروپانىڭ پوزىتسىيەسىگە قارشى ئەردوغاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيەنىڭ تۈرك مىنىستىرلارنىڭ پىروگراممىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنىڭ غۇلغۇلىسى داۋام قىلماقتا.

685991
باھچەلى ياۋروپانىڭ پوزىتسىيەسىگە قارشى ئەردوغاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى دەۋلەت باھچەلى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەگە بىلدۈرگەن قاتتىق نارازىلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن دەۋلەت باھچەلى، ياۋروپادا 4 مىليون تۈركنىڭ ياشايدىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى «يېنىڭىزدىمىز» دېگەن سۆزلىرى بىلەن قوللىدى.

«ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس ئەگەر ياۋروپاغا بېرىشنى قارار قىلسا، ئۇ يالغۇز ئەمەستۇر» دېگەن باھچەلى، «مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى سۈپىتىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ياۋروپاغا بارىمەن. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىمەنكى، بىز نېمىنى خالىساق، تۈركىيەنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپانىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان باھچەلى، «يېڭى بىر تۈرك روھىنى ئوتتۇرىغا قويۇش يولىدا ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس بىلەن بىرلىكتىمەن» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بېرىپ، باھچەلىنىڭ سۆزلىرىنىڭ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بىر ھەمكارلىق ئۈلگىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. يىلدىرىم، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ خىل پوزىتسىيەنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى سابىق باشلىقى ۋە ئانتاليا پارلامېنت ئەزاسى دەنىز بايقالنىڭمۇ بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «رەھمەت ئېيتىمەن، چۈنكى مەسىلە مەملىكەت مەسىلىسى بولغاندا، باشقا ئىشلار يانداش ئىشلارغا ئايلىنىدۇ. بىز ھەر قانچە يىرىكلىشىپ كەتسەكمۇ، قىيىن ئەھۋاللاردا، مۈشكۈل ۋەزىيەتتە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلالايمىز» دېدى.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەھۋالنىڭ 15 – ئىيۇلدىن كېيىن «يەنى كاپى روھى» بىلەن نامايان قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان يىلدىرىم، «بۈگۈن ياۋروپانىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى (باشقا ياققا) يېتەكلەش يولىدىكى بۇ غەرەزلىك  ھەرىكەتلىرىگە قارشى بۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ياخشى بىر سىگنال بولدى. ياۋروپاغىمۇ ياخشى بىر سىگنال بولدى ۋە تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىلەردە قانداق بىر يەرگە كېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم، دەپ ئويلايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ گېرمانىيە توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى باھچەلىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ ئىجتىمائىي ئورتاقلىشش تورى تۋىتتېر ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ «ھۆرمەتلىك دەۋلەت باھچەلى بۇ باياناتى ئارقىلىق ئالىيجاناب ۋە مىللىي پوزىتسىيەسىنى پۈتكۈل دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. تەبرىكلەيمەن ۋە تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر