نۇرەتتىن جانىكلى دائېشقا قارشى كۈرەش ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇرەتتىن جانىكلى: «ئەلباب يېزىسىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىمىزغا ئالغاندىن كېيىن، دائېش ئالقىنىدىكى بەزى جايلارنى ھېچقانداق توقۇنۇشماستىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د غا تاشلاپ بەرمەكتە» دېدى.

685289
نۇرەتتىن جانىكلى دائېشقا قارشى كۈرەش ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇرەتتىن جانىكلى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نۇرەتتىن جانىكلى ھاتايدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبىسى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «كۈچلۈك ۋە بۈيۈك تۈركىيە يولىدا ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە قەدەر ۋىلايەتلىك شۆبە رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى» تېمىلىق يىغىندا، نۇتۇق سۆزلىدى. 

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ، «<دائېشقا قارشى كۈرەش قىلمىدىڭلار، ھەتتا ياردەم قىلىۋاتىسىلەر> دەپ بىزگە خەلقئارادا ئەخلاقسىزلارچە ھۇجۇملاردا بولۇشتى، بىزنى ناھەق ھۇجۇم نىشانى قىلىشتى. ئەسلىدە دائېشقا قارشى يالغۇز كۈرەش قىلىۋاتقان دەل بىز ئىدۇق. باشقا ھېچقانداق دۆلەت دائېشقا قارشى سەمىمىي كۈرەش قىلىشنى خالمايدۇ. سۈرىيەنىڭ ئەلباب يېزىسىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىمىزغا ئالغاندىن كېيىن، دائېش ئالقىنىدىكى بەزى جايلارنى ھېچقانداق توقۇنۇشماستىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د غا تاشلاپ بەرمەكتە، پ ي د بولسا، ئەسەد قىسىملىرىغا تاشلاپ بەرمەكتە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىمۇ بەزى جايلارنى پ ي د غا تاشلاپ بەرمەكتە. خۇدالىق ئۈچۈن بۇ ئەھۋاللارغا بىر قاراپ بېقىڭلار! بىز بۇلارنى ئەسلىدىنلا بىلەتتۇق، ئەمدىلىكتە ھېچقانداق مەخپىيەتلىكلىرى قالمىدى. بۇ ئىشنىڭ ئارقىدىكى پىلانلىغىچىلىرىمۇ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر