چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغنىڭ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان يىغىننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ گېرمانىيە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىدىغان ھالغا كەلدى» دېدى.

683954
چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سزىجارتو بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ناشتىلىق زىياپەتتە كۆرۈشتى. ئۇ زىياپەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گېرمانىيەدە بەكىر بوزتاغ قاتناشماقچى بولغان يىغىننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «گېرمانىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ھەقىقەتەنمۇ دېموكراتىيەگە، پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە ئۇيغۇن ئەمەس. يېقىنقى مەزگىللەردە ھەممە كىشىگە دېموكراتىيە توغرىسىدا دەرس بېرىشكە ئۇرۇنىدىغان بىر دۆلەتنىڭ، ھەتتا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا بۇلارنى باھانە قىلىپ ئارىلىشىدىغان بىر دۆلەتنىڭ، بۇ خىل پائالىيەتلەرنى چەكلىشى، گېرمانىيەنىڭ ۋە غەربنىڭ قانچىلىك قوش ئۆلچەم قوللىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ 2016-يىلىمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشى پىلان قىلىنغان 15-ئىيۇلغا مۇناسىۋەتلىك يىغىلىشىنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ يىغىنلىرىغا بولسا، رۇخسەت بېرىلگەنلىكىنى؛ پ ك ك كاتتىباشلىرىنىڭ بۇ يىغىنلارغا تېلېكامېرا ئارقىلىق قاتناشقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تېررورىستلارنىڭ كاتتىباشلىرىغا رۇخسەت بېرىسىلەريۇ، خەلق تەرىپىدىن سايلانغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رۇخسەت بەرمەيسىلەر، بۇنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.»

ئۇ باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيەدە ئۆتكۈزگەن يىغىنىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «ئەمدىلىكتە بۇ خىل يىغىنلارنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ھەرگىزمۇ تەسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى گېرمانىيە <مەخپىي دۆلىتى> سىستېمىلىق ھالدا ئىجرا قىلىدىغان ھالغا كەلدى» دېدى.

ئۇ: «بىزگە باراۋەر شېرىك سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇرسىلەر، تۈركىيە سىلەرنىڭ بۇيرۇقۇڭلار ئاستىدىكى دۆلەت ئەمەس، سىلەر تۈركىيەنىڭ خوجايىنى ئەمەس، سىلەر بىرىنچى سىنىپ، تۈركىيە ئىككىنچى سىنىپ ئەمەس. بىز سىلەرگە بۇنداق مۇئامىلە قىلمايمىز، شۇڭا سىلەرمۇ تۈركىيەگە باراۋەر شېرىك سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇرسىلەر» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە: «تۈرك جەمئىيەتلىرىگە سىستېمىلىق ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىملار، تۈرك جەمئىيەتلىرىنى قورقۇتۇلمايدۇ، بۇنىڭدا ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيسىلەر، كېلىڭلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلايلى، تۈرك جەمئىيەتلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلايلى» دېدى.

ئۇ: «بىز بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى خالىساڭلار، بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشىڭلار كېرەك. ئىش بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەمەلگە ئاشمايدۇ ۋە داۋاملىشالمايدۇ. بىزمۇ تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىمىز، ھەرگىزمۇ چېكىنمەيمىز، ئۇ ۋاقىتتا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزەڭلار بىلىسىلەر» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر