ئەردوغان بارزانىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانىنى قوبۇل قىلدى.

680451
ئەردوغان بارزانىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىلەن بارزانىنىڭ ئىستانبۇل مابەين سارىيىدا يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشى 1 سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى. ئۇچرىشىشقا، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەھمەت يىلدىز، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باياناتچىسى سەفىن دىزايى ۋە ئىراق كورد رايونلۇق دائىرىلىرى رەئىسلىك دىۋانى باشلىقى فۇئاد ھۈسەيىن قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، مۇسۇل ۋە تەلافەرنىڭ ۋەزىيىتى، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇدىيىتى ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، شۇنداقلا ئېنېرگىيە قاتارلىق ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى.

تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى سودا ھەجىمى 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ كۆرۈنەرلىك قىسمى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن قىلىنىدۇ.

بارزانىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، ئۇچرىشىشتا، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ۋە مۇسۇلنى دائېشتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، رايون ۋە سۈرىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، جەنۋە سۆھبەتلىرى، خەلقئارا مۇۋازىنەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ رايونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىلەن تۈركىيە ۋە ئىراق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر