چېگرا بىخەتەرلىك تاملىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سېلىنىپ بولدى

تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىغا سېلىنىۋاتقان چېگرا بىخەتەرلىك تاملىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سېلىنىپ بولدى

680219
چېگرا بىخەتەرلىك تاملىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سېلىنىپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىغا سېلىنىۋاتقان بىخەتەرلىك تام قۇرۇشلىرى توختاۋسىز داۋاملاشماقتا.

511 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدىغان چېگرا بىخەتەرلىك تاملىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سېلىنىپ بولدى.

ھازىرغىچە شانلىئۇرفا، گازىئانتەپ، كىلىس، ھاتاي، ماردىن ۋە شىرناك قاتارلىق ۋىلايەت چېگرالىرىدا 290 كىلومېتىرلىق تام قۇرۇلۇشى ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى.

قالغان 221 كىلومېتىرلىق قىسمىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىشى كۈتۈلمەكتە.

كۈندە ئوتتۇرىچە 3 كىلومېتىر تام سېلىنماقتا، تام قۇرۇلۇشى تاماملانغاندا تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسى تېخىمۇ بىخەتەر ھالەتكە كېلىدۇ، ئەتكەسچىلىك ۋە قانۇنسىز ئۆتۈش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئېلىنىدۇ.

4 مېتىر ئېگىزلىكتە ۋە 30 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا بولغان سېمونت تام تۈرك شىركەتلىرى تەرىپىدىن سېلىنماقتا.

تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىغا سېلىنغان تامنىڭ كەينىگە چارىلاش ئۈچۈن بىخەتەرلىك يول بىلەن كۆزىتىش مۇنارلىرىمۇ سېلىنماقتا.

بۇ دائىرىدە ھازىرغىچە 260 كىلومېتىرلىق يول بەرپا قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر