ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى تونۇشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى

16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپى سايلىمى ھارپىسىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەكلىپنى تونۇشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىلىشلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

679997
ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى تونۇشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىڭلارچە كىشى پايتەخت ئەنقەرەدىكى تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا ئەتىگەندىن ئېتىبارەن سەلدەك ئېقىشقا باشلىدى.

يىغىلىشتا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنى «مۇقىملىق، ئىستىقلال ۋە ئىستىقبال» شوئارى ئاستىدا خەلققە تونۇشتۇرىدۇ.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى، باش مىنىستىر يىلدىرىممۇ قاتناشقان يىغىلىشقا 123 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى ياكى باش كونسۇللىرى تەكلىپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر