تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشقا ئېغىر زەربە بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا.

677683
تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشقا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئاساسەن كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىپ بولغان ئەلبابتا، دائېش ئەزاسى 14 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 183 – كۈنىدە تەشكىلاتنىڭ 110 نۇقتىسىغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن زەربە بېرىلدى.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرى ھەر خىل ئۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ، دائېشنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، ئىستىھكاملىرى، قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش ئورۇنلىرى، قورال ۋە ئاپتوموبىللىرىنى بېسىم ئاستىغا ئالدى.

ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقى بولسا، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 21 نۇقتىسىغا ھاۋادىن زەربە بەردى. ھەرىكەت نەتىجىسىدە تېررورچىلار پاناھلىنىۋاتقان 18 بىنا، 1 قورال ئىسكىلاتى ۋە بىر قوراللىق ئاپتوموبىل يوقىتىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر