ئەردوغان تۈركمەنىستانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىقىغا قايتىدىن سايلانغان گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنى تەبرىكلىدى.

672920
ئەردوغان تۈركمەنىستانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان تۈركمەنىستاندا 2017 – يىلى 12 – فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركمەنىستانغا خەيرلىك بولۇشىنى تىلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بەردىمۇھەممەدوۋغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، «ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ ئىككى قېرىنداش دۆلەت - تۈركىيە ۋە تۈركمەنىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تۈركمەنىستاننىڭ قەتئىي ۋە يىراقنى كۆرەر رەھبەرلىكىڭىز سايىسىدا تەرەققىيات ۋە باياشاتلىق يولىدا تەۋرەنمەس قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلىقىدىن شۈبھىلەنمەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر