ئەردوغان رىيادقا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بەھرەيىندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى بېكىتى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا يېتىپ باردى.

671766
ئەردوغان رىيادقا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارس قولتۇقى ئەللىرىگە قاراتقان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ دەسلەپكى بېكىتى بەھرەيىندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى بېكىتى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا يېتىپ باردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالدى؛ قارشى ئېلىشقا رىياد ئەمرى ۋە تۈركىيەنىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىمۇ قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاخشام سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىس شاھزادىسى مۇھەممەد بىن نايىفنى قوبۇل قىلدى. بۈگۈن پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تەخت  ۋارىسى ۋەكىلى مۇھەممەد بىن سەلماننىمۇ قوبۇل قىلىدۇ.

ئەردوغاننى رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى بۈگۈن (سەيشەنبە) سائەت 13 تە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمدىن كېيىن، پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ شەرىپىگە رەسمىي چۈشلۈك زىياپەت بېرىلىدۇ. بۇلاردىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش باشلىنىدۇ.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشى كۈتۈلۈۋاتقان زىيارەت جەريانىدا، رايون ۋە خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى نىشان قىلىنماقتا.

زىيارەتكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى خاقان فىدان قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن قاتارغا بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر