«ئەزاننى شاۋقۇن-سۈرەن دەپ قاراش مۇسۇلمانلارنى كەمسىتكەنلىك بولىدۇ»

تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز ئەزاننى شاۋقۇن-سۈرەن دەپ قاراشنىڭ تولىمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

671366
«ئەزاننى شاۋقۇن-سۈرەن دەپ قاراش مۇسۇلمانلارنى كەمسىتكەنلىك بولىدۇ»

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز، ئەزانغا شاۋقۇن-سۈرەن دەپ قاراشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى تۆۋەن كۆرۈش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى ئەزاننى ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئوقۇشنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا تەييارلانماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ پوزىتىيەسى پەلەستىننىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى فاد مۇستافا دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز  بىلەن كۆرۈشكەندە كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇرۇنراق بۇ خاتالىقتىن قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان گۆرمەز مۇنداق دېدى: «قۇددۇستىكى ئەزان چەكلمىسى پەقەت بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى بايلىقلارنى ئېتىراپ قىلماسلىقتىن سىرت، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىسا پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرغىباتلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلماسلىق بولىدۇ.»

ئەركىنلىكلەرنى چەكلەش ئارقىلىق يوق قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن گۆرمەز يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «قۇددۇستا ئەزاننى چەكلىسەڭلار ھەر بىر پەلەستىنلىك مۇئەززىن بولۇپ ئەزان ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئەزاننى شاۋقۇن-سۈرەن دەپ قاراش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى كەمسىتىش بولىدۇ. بۇرانراق بۇ خاتالىقتىن ۋاز كېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر