چەلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى يېڭى سەھىپە ئېچىشقا چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇسبەت مەنىدە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

669628
چەلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى يېڭى سەھىپە ئېچىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن پارىژغا بارغان مىنىستىر ئۆمەر چەلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى 2017 – يىلى يېڭى بىر سەھىپە ئېچىپ، مەسئۇلىيەتلىرىنى ئورۇنداشقا چاقىردى.

مىنىستىر چەلىك فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايراۋلت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى خارلېم دېسىر ۋە پالاتا باشلىقى گېرارد لاشېر بىلەن كۆرۈشتى. ئارقىدىن فىرانسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۆمەر چەلىك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا يۆزلىنىشى، خىتاينىڭ يەر شارىلىشىش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىشى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشى دېگەندەك كۆپلىگەن ئالاھىدە ئەھۋاللارنىڭ خەلقئارا مۇۋازىنەتنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئىرقچى سۆزلەرنىڭ كۈلەڭگىسىدە قېلىپ، تۈركىيەگە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپانىڭ تۈركىيەنىڭ چوڭلۇقىدىن قورقماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن چەلىك، تۈركىيەنىڭ چوڭلۇقىنىڭ باياشاتلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ھەل قىلىش يولىدا ياۋروپادىكى مۇۋازىنەتكە مۇسبەت ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتە ياۋروپادا يېڭى ئىقتىسادىي مودېللار ۋە سىياسىي پىكىرلەرنىڭ يارىتىلىشىغا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر چەلىك، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ يۆنىلىش ئۆزگەرتىش، دەپ مۇھاكىمە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۆمەر چەلىك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن پۈتكۈل ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئالدى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيەگە تېلېفون قىلىپ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىشىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز قاتارلىق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ياۋروپا ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپانى يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشقا چاقىرغان چەلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە يىغىنىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى، تاموژنا بىرلىكى ۋە ۋىزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش يولىدا كونكرېت ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىدىغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر