چاۋۇشئوغلۇ مېكسىكىدا زىيارەتتە بولدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مېكسىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

665271
چاۋۇشئوغلۇ مېكسىكىدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاتىن ئامېرىكا زىيارىتى دائىرىسىدە مېكسىكىدا ئۇچرىشىشلاردا بولغان چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدە ئالدى بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ مېكسىكىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ رەسمىي ئىش باشلاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ مېكسىكىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ تۈركىيە – مېكسىكا ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە تۈرتكلىك رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ بولىۋىيە، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، كولومبىيە، ھايتى، كارايىپ ئاراللىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن رايون خەلقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا ناھايتى زور ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ 56 ئىش بېجىرىش ئورنى ئارقىلىق 150 دۆلەتتە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «لاتىن ئامېرىكا رايونىنىڭ دەرۋازىسى بولغان مېكسىكىدىكى بۇ ئىش بېجىرىش ئورنى سايىسىدا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ جۇغراپىيەگىچە كېڭىيىدۇ» دېدى.

مېكسىكا تەرەققىيات ئورگىنىڭ باشلىقى ماريا كازار تۈرلۈك ياردەملىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ كېيىنچە مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوئىز ۋىدېگاراي  كاسو بىلەن كۆرۈشتى.

ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. چاۋۇشئوغلۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مېكسىكا بىلەن ئىقتىساد قاتارلىق ھەر ساھەدە مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ مېكسىكا شەھىرىگە بىۋاسىتە ئۇچۇشنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، بۇ ھەقتە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاسۇ تەخمىنەن 3 مىليون سۈرىيەلىك كۆچمەننى باغرىغا باسقان تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل جاھانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ساۋىقى بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە بىلەن مېكسىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرھال ئىمزالىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئارىلىقتا، چاۋۇشئوغلۇ TRT نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئارگېنتىنادا باشلىنىپ، مېكسىكىدا ئاخىرلاشقان لاتىن ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە توختالدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى دائىرىسىدە رايون دۆلەتلىرى بىلەن ھەر ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئاپرېلدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ھەمدە پايتەختتە باش ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر