تۈركىيە-ئىسىرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى

ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى يۇۋال روتېم ئەتە (1-فېۋرال) تۈركىيەگە كېلىپ، ئىككى كۈن زىيارەتتە بولىدۇ.

662288
تۈركىيە-ئىسىرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچى يۇۋال روتېمنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، روتېمنىڭ تۈركىيەدە ئىككى كۈن زىيارەتتە بولۇپ، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا يەنە، روتېمنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە 2010-يىلى 31-ماي كۈنى غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان ماۋى مارمارا پاراخوتىدىكى توققۇز تۈركىيە پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر تۈركىيە پۇقراسىنى يارىلاندۇرغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس پەيدا بولغان ئىدى. كېيىنچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئىسىرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدىن ئەپۇ سورىشى، شېھىت بولغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە تۆلەم تۆلىشى ھەمدە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشى بىلەن نورماللىشىش باسقۇچىغا كىرگەن ۋە ئىككى تەرەپنىڭ باش ئەلچىلىرى نورمال خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر