گۈلەننى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېڭى ھۆججەتلەر ئەۋەتىلدى

تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېڭى قوشۇمچە ھۆججەتلەرنى ئەۋەتتى.

661874
گۈلەننى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېڭى ھۆججەتلەر ئەۋەتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىر جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى مەخپىي گۇۋاھچىلارنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنىڭ شەخسەن گۈلەن تەرىپىدىن پىلان قىلىنىپ تەستىقلانغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېتىراپلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە ھۆججەتلەشتۈرۈپ، قوشۇمچە دەلىل سۈپىتىدە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئىنتېرنېت ھەمدە پوچتا يولى بىلەن ئەۋەتكەن.

قەيت قىلىنىشىچە، «قوزغۇن» كودلۇق مەخپىي گۇۋاھچى ئۆز ئىپادىسىدە، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنى پىلانلىغان كىشىلەردىن ئارمىيە ئىچىدىكى ئىمام ئادىل ئۆكسۈزنىڭ، 2016-يىلى 12-ئىيۇل ھەرىكەت پىلانىنى ئامېرىكىغا ئاپىرىپ، گۈلەننىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

«شەپكە» كودلۇق مەخپىي گۇۋاھچى بولسا، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش پىلانىنىڭ گۈلەننىڭ يوليورۇق بېرىشى ئاستىدا پايتەخت ئەنقەرەدىكى بىر داچىدا تەييارلانغانلىقىنى ۋە ئادىل ئۆكسۈزنىڭ ئامېرىكىغا ئاپىرىپ، گۈلەنگە تەستىقلاتقۇزغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. «شەپكە» مۇنۇلارنى ئېيتقان:

«ئىزمىردە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا قارشى چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ۋە بۇ سەۋەبتىن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغان گېنېراللارنىڭ تىزىملىكى شۇنداقلا بۇ گېنېراللارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا مەسئۇل خادىملار تىزىملىكىنىڭ بىزگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 2016-يىلى 13-ئىيۇل سائەت 16:00 دە بىزگە ئەۋەتىلگەن ئۇچۇردا تىزىملىك يەتكۈزۈلدى، ئىككى كۈن بۇرۇن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ 15-ئىيۇلدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق.»

ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەرەپ 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنىڭ پىلانلىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئادىل ئۆكسۈزنىڭ ئامېرىكىغا بارغان-كەلگەن ۋاقىتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن يېڭى ئىسپات ھۆججەتلىرىدە، ئادىل ئۆكسۈزنىڭ ئامېرىكىغا قايسى ۋاقىتتا بېرىپ-كەلگەنلىكى، ئايروپىلاننىڭ سەپەر نومۇرلىرىدىن ۋە ئورۇن نومۇرلىرىغىچە بولغان ئۇچۇرلار ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىغا قوشۇمچە دەلىل-ئىسپاتلار ئەۋەتىلىپ، ترامپ دەۋرىدە گۈلەننى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت باشلانغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر