20 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن باشلىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 160-كۈنىگە قەدەم قويدى.

661520
20 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي سۈرىيەنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن باشلىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 160-كۈنىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا 20 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پەيدا قىلغان تەھدىتلەرنى ئوتتۇرىدىن يوقىتىپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارا بىرلەشمە قىسىمنى قوغداش ئۈچۈن، 2016-يىلى 24-ئاۋغۇست شىمالىي سۈرىيەدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 160-كۈنىگە قەدەم قويغان. بۇ كۈندە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 184 نۇقتىسى بومباردىمان قىلىنىپ، تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بېسىم ئاستىغا ئېلىنغان.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئەلباب، تادىف ۋە بزاگاھ رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، دائېشنىڭ 20 بىنا، بىر قورال-ياراغ ئىسكىلاتى ۋە ئىككى مۇداپىئە نۇقتىسىنى بىتچىت قىلغان، 20 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلغان. ھەرىكەت دائىرەسىدە، 76 دانە سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن، ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر تەرەپ قىلىنغان سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبىلارنىڭ سانى جەمئىي 3507 گە چىققان. پۇقرالارنىڭ زىيان كۆرمەسلىكى ئۈچۈن ھەرخىل تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر