يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشى بارغانسېرى يېقىنلاشتى

تۈنۈگۈن (18-يانۋار) تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇشتا 7 ماددا قوبۇل قىلىندى.

654605
يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشى بارغانسېرى يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 18-يانۋار تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە 2-ئايلانما بېلەت تاشلاش داۋاملاشتى. ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنىڭ ئالدىنقى يەتتە ماددىسى قوبۇل قىلىندى. تەكلىپ جەمئىي 18 ماددا بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى ھەر بىر ماددا ئۈچۈن مەخپىي بېلەت تاشلىدى.

سوتنىڭ مۇستەقىللىقىگە بىتەرەپلىك پىرىنسىپى قوشۇلغان 1-ماددا 345 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. تەكلىپنىڭ 2-3-4-5-ۋە 6-ماددىلىرى ھەر بىرى 342 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. 2-ماددا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىنى 550 دىن 600 گە چىقىرىشنى؛ 3-ماددا پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىش يېشىنى 18 گە چۈشۈرۈش تەكلىپ قىلىنىدۇ.

4-ماددا سايلام ۋاقتىنىڭ بېكىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارلامېنت سايلىمى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى 5 يىلدا بىر قېتىم ئوخشاش كۈندە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

5-ۋە 6-ماددا پارلامېنتنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ھوقۇق دائىرىسىنى قايتىدىن تەرتىپكە سالىدۇ. پارلامېنتنىڭ كابېنتنى نازارەت قىلىش يوللىرىدىن بىرى بولغان سوئال سوراش ھوقۇقى ئاساسىي قانۇندىن چىقىرىلىدۇ.

6-ماددا مۇنازىرە توغرىسىدا مۇنازىرە پەيدا بولغاچقا، بېلەت تاشلاش قايتا ئۆتكۈزۈلدى. ئاخىرىدا، ئەڭ تۆۋەن چەك بولغان 330 دىن ئاشتى.

7-ماددا 340 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭدا، جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات بولۇشنىڭ شەرتلىرى تۈزىلىدۇ.

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى (CHP) نىڭ رەئىسى كامال قىلىچدارئوغلۇ ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى (MHP) رەئىسى دەۋلەت باھچەلى ئومۇمىي كېڭەشتە ئىدى.

2-ئايلانما بېلەت تاشلاش بۈگۈن (19-يانۋار) ئاخىرلىشىدۇ.  330 دىن تۆۋەن ئاۋازغا ئېرىشكەن ماددا تەكلىپتىن قالدۇرۇلىدۇ.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر