ئەردوغان: تېرررورلۇقنىڭ مەقسىتى 2023 – يىللىق نىشانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر

ئەردوغان: «بۇ نۆۋەت قارشى تەرەپ ئۆز ئىسمى ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن مەيدانغا چىققان دۈشمەنلىرىمىز ئەمەس، بەلكى شۇلار ياكى شۇلار ئىشلىتىۋاتقان ياللانمىلاردىن ئىبارەت بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدۇر» دېدى.

653397
ئەردوغان: تېرررورلۇقنىڭ مەقسىتى 2023 – يىللىق نىشانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، گەرچە ئىسىملىرى ۋە شوئارلىرى ئوخشىمىسىمۇ، پۈتۈن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوخشاش بىرلا سېنارىيەنىڭ ئارتىسلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدىكى خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ياسالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرى ئورگىنى خىزمەت بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، 2013 – يىلىدىن بۇيان ئارقىمۇ ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئەسلىدە تۈركىيەنىڭ يېڭى بىر مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «بۇ نۆۋەت قارشى تەرەپ ئۆز ئىسمى ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن مەيدانغا چىققان دۈشمەنلىرىمىز ئەمەس، شۇلار ياكى شۇلار ئىشلىتىۋاتقان ياللانمىلاردىن ئىبارەت بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە شوئارلىرىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىگە قاراپ يۈرمەڭلار.  پ ك ك، دائېش، فەتھۇللاچىلار، ي پ گ، د ھ ك پ – ج ۋە باشقا بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىرلا سېنارىيەنىڭ ئارتىسلىرىدۇر» دېدى.

بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلا نىشانى بارلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئۇ بولسىمۇ مىللىي ئىتتىپاقلىقىمىزغا ۋە دۆلتىمىزنىڭ  پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئالدىنى توسۇش، پۇتلاش، 2023 – يىللىق نىشانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر. بىراق، قەتئىي نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ، بىز كۆرمىسەكمۇ ئىنشائاللاھ نەۋرىلىرىمىز كۆرىدۇ، ئىنشائاللاھ 2053 – يىلىنى بۇ مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى بەرپا قىلىدۇ ۋە 2071 – يىلىنىمۇ شۇنداق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر