دائېش ئەزاسى 20 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى غەلىبىلىك داۋام قىلماقتا.

653269
دائېش ئەزاسى 20 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 147 – كۈنىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 20 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پەيدا قىلغان خەۋپنى بىر تەرەپ قىلىپ چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە بىرلەشمە كۈچلەرگە ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن 24- ئاۋغۇستتا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا باشلىغان ھەرىكەت داۋام قىلماقتا.

ھەرىكەتنىڭ 147 – كۈنىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 106 نۇقتىسىغا تانكا، زەمبىرەك ۋە مىناميوت ۋە راكېتامىيوتلار بىلەن زەربە بېرىلدى. تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەلبابتىكى 10 نۇقتىسىغا زەربە بەردى؛ ھاۋا ھەرىكىتىدە مەرگەن ئىستىھكاملىرى بىلەن زەمبىرەك ياساش ئورۇنلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.

ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان قۇرۇپ قويۇلغان 2941 يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ بىلەن 43 مىنا پىلانلىق ھالدا چۇۋۇپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر