تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك غا ئەزا 3 تېررورىستنى ئۇجۇقتۇردى.

650694
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىنات – ھافتانىن ۋە زاپ رايونلىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا پ ك ك لىق 3 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان، 2 قورال - ياراغ ئىسكىلاتى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغاندىن كېيىن بازىلىرىغا قايتقان.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارىتا مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمۇ داۋاملاشماقتا.

شىرناقنىڭ ئۇلۇدەرە ناھىيەسى بەيازتەپە قاراچالى – دۈپۈنداغى رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 3 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

دىيارباقىردىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك بىيۇروكراتلارغا سۇيىقەست قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر تېررورىست يوقىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر