ئەردوغان، پۇتىن، نەزەربايېۋ قاتارلىق رەھبەرلەر تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

649963
ئەردوغان، پۇتىن، نەزەربايېۋ قاتارلىق رەھبەرلەر تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيتىلىشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان ئىككى رەھبەر، مەسىلىگە سىياسىي چارە تېپىش دائىرىسىدە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى. كرېمىلدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پۇتىن بىلەن نەزەربايېۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، 4 – يانۋاردا بايانات بېرىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە، ئاستانە سۆھبەتلىرىنىڭ 23 – يانۋاردا باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر