سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دائېشقا تەۋە 335 نىشان پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار ئەلباب رايونىدا دائېشقا تەۋە 12 نىشاننى پىت – چىت قىلدى.

649303
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دائېشقا تەۋە 335 نىشان پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە 24 – ئاۋغۇست باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۇ قېتىم تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا 11 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈندىن باشلاپ بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 07:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 335 نىشاننىڭ بايقالغانلىقى ۋە ئېغىر قوراللار بىلەن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار ئەلباب رايونىدا دائېشقا تەۋە 12 نىشاننى پىت – چىت قىلدى. 3 پاناھجاي، 2 كۆزىتىش سۇپىسى، 1 ئامبار، 6 قورال ۋە مۇداپىئە بازىسى پاچاقلاپ تاشلاندى.

ھەرىكەت جەريانىدا پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا زور ئەھمىيەت بېرىلدى. بايقالغان 3 دائېش بازىسىغا يېقىن جايدا پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا بومباردىمان قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم قىلىۋاتقان پارتلاتقۇچ ۋە مىنا تازىلاش ئەترىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلانغان رايونلاردا 21 يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

فىرات قالىقىنى ھەرىكىتى باشلانغان دەسلەپكى كۈندىن بۇيان ئاساسلىق كۆپ قىسمىدا توزاق قۇرۇلغان 2842 يەرلىك بومبا ۋە 43 مىنا تازىلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ زاپ، گارا، ھاكۇرك، ئاۋشىن ۋە باسيان رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە 14 نىشاننى پاچاقلاپ تاشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر