تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈرك رەھبەرلەر ئىستانبۇل ئورتاكۆيدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات بەردى ۋە بۇ ھۇجۇمنىڭ نىشانىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىشتى.

641706
تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ۋەكىلى ئاكىف ھامزاچەبى ئىستانبۇلدا يۈز بېرىپ، 39 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ ماتەمنى ھەممىمىز تۇتساق، تېررورلۇقنى يېڭىمىز» دېدى.

ھۇجۇم يۈز بەرگەن كۆڭۈل ئېچىش ئورنىنى زىيارەت قىلغان ھامزاچەبى، «بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تىلەيمەن. بۇ تېررورلۇقنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز خەلق سۈپىتىدە تىك تۇرايلى. بۇنداق ۋەقەلەر پۈتكۈل خەلقنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ ماتەمنى ھەممىمىز تۇتىشىمىز كېرەك. بۇ ماتەمنى ھەممىمىز تۇتساق، تېررورلۇقنى يېڭىمىز» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ رەسمىي تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن پەسكەش تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا شىپالىق تىلەيمەن. تېررورلۇقنىڭ ھۇجۇم نىشانى بىرلىكىمىزدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە بايانات بېرىپ، ھېچبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى پائال كۈرىشىنى ئاجىزلىتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن تىۋىتتېر ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى، يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە سەۋر تىلىدى، يارىدارلارغا شىپالىق تىلىدى.

ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: «ئىستانبۇلدىكى پەسكەش تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان تېررورچىغا، ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغانلارغا ۋە ھۇجۇمغا ياردەم قىلغۇچىلارغا لەنەت ئېيتىمەن. بۇ تۈركىيەمىزگە، خاتىرجەملىكىمىزگە، بىرلىكىمىزگە، قېرىنداشلىقىمىزغا ۋە ھەممىمىزگە قىلىنغان پەسكەش ۋە خائىنلارچە بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدۇر. ھېچبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى بىرلىكىمىزنى بۇزالمايدۇ، قېرىنداشلىقىمىزنى يوقىتالمايدۇ، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى پائال كۈرىشىنى ئاجىزلىتالمايدۇ. تېررورلۇقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن تۈركىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قەتئىي ۋە پائال كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، تېررورلۇقنى يوقىتىدۇ.»

قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلانمۇ ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمى خىزمەتچىلىرىنى يوقلىغاندا بايانات بېرىپ، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ۋەقەسى تېررورلۇقنىڭ پاسكىنا، قانلىق، شەرەپسىز يۈزىنى بۇ ئاخشام يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ 79 مىليون خەلقى بىلەن بىرلىكتە 15 – ئىيۇلدىكىگە ئوخشاشلا ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئارسلان، «دۆلىتىمىز چېگرالىرى سىرتىدىكى دۆلىتىمىزگە ۋە خاتىرجەملىكىمىزگە قەست قىلىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ياكى تېررورچىلارغا قارشى چېگرا سىرتىدىمۇ كۈرىشىمىزنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغۇچە  داۋاملىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

دىنىي ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەزمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەتلىئامنىڭ بىر بازار ۋە بىر ئىبادەتخانىدا سادىر قىلىنىشى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ئورنىدا قىلىنىشى ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق» دېدى.

تېررورچىلارنىڭ نىشانىنىڭ ئورۇنلار ئەمەس، ئىنسان، دۆلەت، مىللەت ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن گۆرمەز، «تېررورلۇق قەيەردىن كەلسۇن، كىم قىلسۇن ۋە كىمگە قىلىنسۇن قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇمۇ، «دۆلىتىمىزگە بولغان چەكسىز ئىشەنچ ۋە سۆيگۈنى داۋالغۇتۇشنى مەقسەت قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى مۇددىئالىرىغا يېتەلمەيدۇ» دەپ بايانات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر