ئەردوغان ياۋروئاسىيا تونىلىنىڭ ئېچىلىشىدا: «بۇ مىللەتنى قەتئىي پارچىلىيالمايسىلەر» دېدى

ئەردوغان رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ سۈيقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىغا ياكى زىيانغا ئۇچرىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.

634776
ئەردوغان ياۋروئاسىيا تونىلىنىڭ ئېچىلىشىدا: «بۇ مىللەتنى قەتئىي پارچىلىيالمايسىلەر» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «مەيلى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە تېررورلۇق قىلىڭلار، مەيلى خالىغانچە پۈتۈن پەسكەشلەرنى توپلاڭلار، بۇ مىللەتنى ھەرگىز بۆلەلمەيسىلەر، قەتئىي پارچىلىيالمايسىلەر» دېدى.

ئەردوغان ياۋروئاسىيا تونېلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئىككى قىتئەنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان نادىر دۆلەتلەردىن بىرسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «ئاللاھقا ھەمدۇ–سانالار بولسۇنكى، ئىككى قىتئەنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان مانا مۇشۇنداق نادىر بىر دۆلەت ۋە شەھەرنىڭ مەنسۇپلىرىمىز. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇنى دەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى پىدا قىلىشقا بولىدىغان ئېسىل بىر شەھەر. شۇڭا بىز بۇ شەھەرگە ئاشىقمىز. ياۋروئاسىيا تونېلىنىڭ ئۇلىنى ئاسىيا قەتئەسىدە سالغان ئىدۇق، مانا ئەمدى ئېچىلىش مۇراسىمىنى ياۋروپا تەرىپىدە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇ نېمە دېگەن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ سۈيقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىغا ياكى زىيانغا ئۇچرىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.

ئەردوغان ۋەقەنىڭ بارلىق جەھەتلەردىن ئىنچىكە تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىمىز ۋە تەپتىش مەھكىمىمىز ۋەقەنى ھەر قايسى جەھەتتىن ئىنچىكە تەكشۈرىدۇ. رۇسىيە بىلەن ئورتاق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، ھازىر خىزمەتلەرنى باشلىدۇق، ھەيئەتلەر جىددىي تەكشۈرۈشلەردە بولماقتا. سۈرىيە مەسلىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان جەھەتتىن رۇسىيە بىلەن بارغانچە مۇناسىۋەتلىرىمىز كېڭىيىۋاتقان ھەمكارلىق ساھەلىرىمىزنىڭ بۇ ھۇجۇم تۈپەيلى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىمايدىىغانلىقى ھەققىدە ھۆرمەتلىك پۇتىن بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگىمىز. رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىغا ياكى زىيانغا ئۇچرىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.

ئەردوغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەيدانى ئۈستىدە يەنە مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇقنىڭ بىزنى ئۆزى ياراتقان كۈىتەرتىپلەرگە ئەسىر قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز. شۇڭا بۈگۈن بۇ يەردە ياۋرو ئاسىيا تونېلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى بۇيرىدۇق. كېچىكتۈرمەستىن ئۆتكۈزدۇق. بۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك پوزىتسىيە بولىدىغانلىقىغا ئىشىىنىمىز» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنى پارچىلاشقا تېررورلۇقنىڭ قەتئىي كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «مەيلى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە تېررورلۇق قىلىڭلار، مەيلى خالىغانچە پۈتۈن پەسكەشلەرنى توپلاڭلار، بۇ مىللەتنى ھەرگىز بۆلەلمەيسىلەر، قەتئىي پارچىلىيالمايسىلەر» دېگەنلەرنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر